بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ③

بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ③

يوللانغان ۋاقتى: 2018.07.06
كۆرۈلۈشى: 747 قېتىم

3. ئىناۋەت كارتىنى باشقىلارغا بىجىرگۈزۈش ياكى بەك كۆپ بىجىرىۋېلىش

ئالاھىدىلىكى: قەرز ئېلىش. پۇلنى، پۇلغا سېتىۋېلىش.

قىلمىشى: قانۇنسىز قىلمىش ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئالداش.

تەشۋىقات ئۇسۇلى: ① مەبلەغ قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز. ② بانكا ئالدىدىكى ئىناۋتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. ③ باشقىلاردىن ياردەم سوراپ يۈرمەيسىز. ④ ماتېريالىڭىز %100 ئۆتۇدۇ.

ئالدىنىپ قالىدىغان كىشىلەر: ① ئوتتۇرا- تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر؛ ② جىددى پۇلغا ئېھتىياجلىقلار؛ ③ «ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۈر» گە مەبلەغ سالماچى بولغانلار؛ ④ شېرىن خىيالنىڭ ئىچىدە، ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغاندەك تۇيغۇدا يۈرۈۋاتقانلار. ⑤ ئىقتىساد بىلىمى تۆۋەن كىشىلەر.

نەتىجىسى: ① ئورۇنسىز پۇل خەجلەش. ② پۇل تېپىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىش. ③ باشقىلارغا تايىنىۋېلىش. ④ ۋاقتىنى قەرز قايتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش. ⑤ قارا تىزىملىككە كىرىپ قېلىش. ⑥ نورمال ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتتىن چەكلىنىش. ⑦ ئالدىنىپ قېلىش.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: ① تىرىشىش. ② تىرىشىش. ③ تىرىشىش. ④ ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراتا مۇۋاپىق مىقداردا بىجىرىش.

قوشۇمچە: ئىناۋەت كارتانى بانكىدىكى پۇل ئېقىم مىقدارىڭىزغا قاراتا، بانكىنىڭ ئۆلچىمىگە توشقان بولسىڭىز، بانكىدىن ھەقسىز بىجىرەلەيسىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بىجىرىپ بېرىشى ھاجەتسىز. ئەگەر ئۆزىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى تولدۇرۇشنى بىلمىسىڭىز، بانكا خادىملىرىدىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ. ئىناۋەت كارتا بىجىرىشمۇ بانكىنىڭ تىجارەت تۈرىنىڭ بىرى. شۇڭا ئىناۋىتىڭىز توشسىلا، بانكا خادىملىرىمۇ قىزغىنلىق بىلەن بىجىرىپ بېرىدۇ.

بىر قسىم كىشىلەر ئىناۋەت كارتا بىجىرىشنى كەسىپ قىلىۋالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي قانۇنسىز قىلمىش. بانكا ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى بايقاپ قالسا، قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بەلكىم سىزمۇ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

سىز ئىلتىماس قىلسىڭىز ماتېريالىڭىز ئۆتمەي، نېمىشقا باشقىلار ئىلتىماس قىلسا ئۆتىدۇ؟ سەۋەبى، ئۇلار ماتېريال تاپشۇرغاندا ھەقىقى ئۇچۇرنى تولدۇرمايدۇ.

رەسمىيەت ھەققى بەكلا يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر بانكا ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىلمىگەچكە، ئىناۋەت كارتا ئىلتىماسى ئۆتمەيدۇ. شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى ھەق ئېلىپ، كارتا بىجىرىپ بېرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، سىزنى چوڭ زىيانغا ئۇچۇرتىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئىشلاردا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىگە، ئۇچۇرغا دېققەت قىلىڭ.

يەنە بىر دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىناۋەت كارتىدىكى پۇل، خەجلىۋەتسىڭىز بولىدىغان پۇل ئەمەس. مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم تولۇقلاپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر يۈەن پۇلنىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرمىسىڭىز قارا تىزىملىككە كىرىپ قالىسىز. قارا تىزىملىككە كىردىڭىز دېگەن گەپ، تېز پويىز، ئايرۇپىلانلارغا چىقىشىڭىز چەكلەندى، قەرزىگە ئۆي، ماشىنا... قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىڭىز چەكلەندى، يۇقىرى ئىستىماللىق ئورۇنلارغا بارالمايسىز. چوڭ سودا پائالىيىتى ئېلىپ بارالمايسىز دېگەن گەپ. شۇڭا ئېھتىياجىڭىزغا قاراتا مۇۋاپىق مىقداردا بىجىرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.




«ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى» ئىشەنچلىك سودىگەرلەرنىڭ جەمگاھى.


ئالدىنىپ قېلىشىتىن، ساختا- سۈپەتسىز مال سېتىۋېلىشتىن، قانۇنسىز سودىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىناي دېسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا، ئىناۋەت نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلىڭ ۋە ئىناۋەت نومۇرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.


ئەگەر بىنورمال ئەھۋال بايقىسىڭىز دەرھال پاش قىلىڭ.


ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئازىراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭ.