بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ②

بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ②

يوللانغان ۋاقتى: 2018.07.06
كۆرۈلۈشى: 895 قېتىم

2. يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز

ئالاھىدىلىكى: قەرز ئېلىش ئاسان. ئۆسۈمى ۋە رەسمىيەت ھەققى يۇقىرى. پۇلنى، پۇلغا سېتىۋالغانلىق. قىمارغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ.

قىلمىشى: جازانىخورلۇق، رەزىل كۈچلەر.

تەشۋىقات ئۇسۇلى: ① قەرز ئاسان چۈشۈدۇ. ② باشقىلار كاپالەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ. ③ باشقىلارغا يېلىنىپ يۈرمەيسىز.

ئالدىنىپ قالىدىغان كىشىلەر: ① قىيىنچىلىق قىستاپ كەلگەنلەر؛ ② جىددى پۇلغا ئېھتىياجلىقلار؛ ③ «ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۈر» گە مەبلەغ سالماچى بولغانلار؛ ④ شېرىن خىيالنىڭ ئىچىدە، ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغاندەك تۇيغۇدا يۈرۈۋاتقانلار.

نەتىجىسى: ① قولىڭىزغا تېگىدىغان ئەمەلىي پۇل، ئەسلىدىكىدىن خېلىلا ئاز. ② قىيىنچىلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ③ قەرىز كۈندىن كۈنگە كۆپىيىدۇ. ④ ئۆسۈمى كۈندىدىن كۈنگە ئۆرلەيدۇ. ⑤ ئالدىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، سىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزىدۇ (ئالداندىڭىز). ⑥ قەرز سۈيلىگۈچىلەر ھەرخىل رەزل ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ. ⑦ پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلايدۇ. ⑧ باشقىلارغا تايىنىۋېلىش پىسخىكىڭىز كۈچىيىدۇ. ⑨ ئىناۋىتىڭىز تۆۋەنلەيدۇ. ⑩ ئۇچۇرلىرىڭىز ئوغۇرلىنىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: ① تىرىشىش. ② تىرىشىش. ③ تىرىشىش. ④ يەتتە قېتىم ئويلاشقاندىن كېيىن، بانكىدىن ياكى ئۆسۈم نىسبىتى دۆلەت بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن، قانۇنلۇق پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىدىن قەرز ئېلىش. ⑤ قارشى تەرەپنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش.

قوشۇمچە: ① ھېچقانداق ئادەم، تونىمايدىغان بىر ئادەمگە كىملىكى ۋە تېلېفون نومۇرىغا ئاساسلىنىپلا قەرز بەرمەيىدۇ. ھەتتا ئۇرۇق- تۇغقانلارمۇ ئالدىراپ بەرمەيدىغۇ. شۇڭا قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئەقلىڭىزنى يوقىتىپ، ئالدامچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەڭ. ئالدامچى ھەرگىزمۇ بۇ ئادەمنىڭ قىينچىلىقى باركەن، ياردەم قىلاي، ئۇ ئادەمنىڭ پۇلى كۆپكەن، پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالاي دېمەيدۇ. مەيلى سىز كىم بولۇڭ، ئۇنىڭغا كېرىكى پۇل.

② بانكا ۋە پۇل- مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئالدىغا ئۆلچەملىرى بولىدۇ. شۇلارنىڭ ئۆلچىمىگە توشسىڭىز قەرز ئالالايسىز. ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئالمايدۇ. چۈنكى بانكىنىڭ مەھسۇلاتى پۇل. ئۇلار پۇل سودىسى قىلىدۇ. شۇڭا قانچە كۆپ ئادەم پۇل قويسا ۋە قانچە كۆپ ئادەم پۇل قەرز ئالسا، بانكا شۇنچە كۆپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق ئادەمگە قەرز بەرمەيدۇ. ھەر گىزىمۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى ئورۇننىڭ ۋاكالىتەن قەرز ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، قەرىز بىجىرىپ بېرىمەن دېگەنلەرنىڭ ھەممى ئالدامچى. ئەگەر قەرىز بىجىرىپ بەردى دېگەندىمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساختا تولدۇرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە نۇرغۇن بەدەل تۆلەيسىز. شۇڭا بۇنداق ئىشلاردا سەگەك بولۇڭ.




«ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى» ئىشەنچلىك سودىگەرلەرنىڭ جەمگاھى.


ئالدىنىپ قېلىشىتىن، ساختا- سۈپەتسىز مال سېتىۋېلىشتىن، قانۇنسىز سودىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىناي دېسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا، ئىناۋەت نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلىڭ ۋە ئىناۋەت نومۇرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.


ئەگەر بىنورمال ئەھۋال بايقىسىڭىز دەرھال پاش قىلىڭ.


ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئازىراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭ.