بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ①

بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭ ①

يوللانغان ۋاقتى: 2018.07.06
كۆرۈلۈشى: 1119 قېتىم

1. ئوڭدا يېتىپ پۇل تېپىش، تۇيۇقسىز بېيىپ كېتىش.

ئالاھىدىلىكى: جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى، قىمارغا ئوخشايدۇ.

قىلمىشى: قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋە شاخلىتىپ سېتىش.

تەشۋىقات ئۇسۇلى: ① 100 يۈەن مەبلەغ سالسىڭىز، 10 كۈندە مىڭ يۈەن بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ... ② مال ئالمايسىز، مال ساتمايسىز. پەقەت ئادەم تونۇشتۇرسىڭىز، ھەر بىر ئادەمدىن مانچە پۇل پايدا ئايرىلىدۇ. ③ ھەرخىل چوڭ- كىچىك پائالىيەت ۋە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە تۇرغان رەسىم ياكى فىلىمنى كۆرسىتىدۇ. ④ «دۆلەت قوللىغان»، «خەلقنى بېيتىدىغان» تۈر دېگەننى سۆزنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ. ⑤ ناھايىتى سىرلىق، ئالاھىدە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ⑥ دەرىجە قاتلىمى بەك كۆپ، ئەڭ بېشىنى ئاساسەن تاپقىلى بولمايدۇ...

ئالدىنىپ قالىدىغان كىشىلەر: ① ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلار. ② ئىشلىمەي، چىشلەشنى ئويلايدىغانلار. ③ ئارزۇ بىلەن خام خىيالنى، تاللاش بىلەن تىرىشچانلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇدىغانلار. ④ بىر كېچىدە باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار. ⑤ ئۇنۋېرسال ساپاسى تۆۋەن كىشىلەر. ⑥ قانۇن ئېڭى تۆۋەن كىشىلەر. ⑦ تاشقى كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر.

نەتىجىسى: ① ۋاقىت ۋە ئىقتىسادتىن زىيان تارتىسىز. ② نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش زىيان تارتىشىغا سەۋەبچى بولىسىز. ③ قانۇنسىز قىلمىشقا چېتىلىپ قالىسىز ۋە باشقىلارنى قانۇنسىز قىلمىشقا سۆرەپ كىرىسىز. ④ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىسىز. ⑤ ئۇچۇرىڭىز ئوغرىلىنىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: ① رەسمىيەتلىرىنىڭ راست- يالغانلىقىنى ھۆكۈمەت تور بېتىگە كىرىپ تەكشۈرۈش. ② مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىش. ③ كەسىپ ئەھلىدىن مەسلىھەت سوراش. ④ «دۇنيادا بىكارلىق تاماق يوق» دېگەنگە ئىشىنىش. ⑤ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ⑥ قارشى تەرەپنىڭ ئىناۋەت نومۇرىنى تەكشۈرۈش.





«ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى» ئىشەنچلىك سودىگەرلەرنىڭ جەمگاھى.

ئالدىنىپ قېلىشىتىن، ساختا- سۈپەتسىز مال سېتىۋېلىشتىن، قانۇنسىز سودىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىناي دېسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندا، ئىناۋەت نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلىڭ ۋە ئىناۋەت نومۇرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.

ئەگەر بىنورمال ئەھۋال بايقىسىڭىز دەرھال پاش قىلىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئازىراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭ.