مازاق قىلىنىشنى خالىمايدىغان ناپالېئون

مازاق قىلىنىشنى خالىمايدىغان ناپالېئون

يوللانغان ۋاقتى: 2018.05.22
كۆرۈلۈشى: 1325 قېتىم

0011.jpg


ناپالېئوننىڭ دادىسى مەغرۇر، ئەمما نامرات ئاقسۆڭەك ئىدى. ئۇ ناپالېئوننى بۇلىنادىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپكە بېرىدۇ. ساۋاقداشلىرى مەكتەپتە ئائىلىسىنىڭ نەسەبى ۋە بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىشىپ، ناپائىلوننى نامرات دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. بۇ مەسخىرىلەر ناپالېئوننىڭ جېنىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ.

مەسخىرە، مازاقلارغا پەقەتلا چىدىيالمىغان ناپالېئون ئاخىرى دادىسىغا خەت يازىدۇ.

ئۇ خېتىدە «بۇ چەتئەللىك بالىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن جاق تويدۇم. ئۇلار پەقەت پۇل- بايلىق جەھەتتىلا مەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەقىل- ئىدىراكتا مەن ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىمەن. ئەجەبا مەن مۇشۇنداق چاكىنا بايلارنىڭ مەسخىرىسى ئاستىدا ياشىشىم كېرەكمۇ؟ بۇنداق كۈنلەر قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟»

دادىسى ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يېزىپ «__ بىزنىڭ پۇلىمىز يوق، ئەگەر بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشنى خالىمىساڭ، چوقۇم شۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك.»

ئۇ دادىسىنىڭ جاۋاب خېتىىنى كۆرۈپ قەتئىي ئىرادىگە كېلىدۇ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە بەش يىل بەرداشلىق بېرىپ، ئوقۇشنى تاماملايدۇ. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەربىر مەسخرىسى، كۆزگە ئىلماسلىقى ئۇنىڭ ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۇلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، بۇنى ئىسپاتلاشقا ئاجىزلىق قىلاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆۋرۈك قىلىپ تۇرۇپ، پۇل، مەرتىۋە ۋە ئاتاققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ.

كېيىن ئۇ ھەربىي سەپكە قاتنىشىدۇ. قىسىمدا ھەمراھلىرىنىڭ بوش ۋاقىت تاپسىلا ئاياللار بىلەن تاماشا قىلىپ، قىمارغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈدۇ. ئەمما، ئۇ باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىش قىلىپ، ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەكچى بولىدۇ ۋە كېلەچەكتىكى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، كۈتۈپخانىدىن نۇرغۇن كىتابلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدۇ.ئۇ تار ھەم تىنجىق ئۆيدە دېمى سىقىلىپ، بېلى ئاغرىپ كەتسىمۇ، كىتاب ئوقۇشنى توختىتىپ قويمايدۇ. كىتابتا ئوقۇغانلىرىغا ئاساسەن، ئۆزىنى ئالى قۇماندان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، كورسكا ئارىلىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ ھەمدە قەيەردە مۇداپىئە تېمى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىنچىكە ھېسابلاپ چىقىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئايلىنىدۇ.

كوماندىر ئۇنىڭ بىلىمىنى بايقاپ، ئۇنى مەشىق مەيدانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۆستۈرۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە ھوقۇق تۇتۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.

ئۇنىڭ ئەمىلى ئۆسۈشى بىلەنلا ئىلگىرى مازاق قلىپ كۈلۈشكەنلەر ئەمدى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن كېتەلمەي قالىدۇ. ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلار ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشىدۇ. ئىلگىرى ئۇنى پاكار، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارىغانلار ئۇنى كەمسىتىشتىن، ھۆرمەتلەشكە ئۆتىدۇ ۋە ئۇنىڭ سادىق ھىمايىچىسى بولۇپ قالىدۇ.