توشقان، تاشپاقىغا يېڭىلگىنىگە تەن بەردى

توشقان، تاشپاقىغا يېڭىلگىنىگە تەن بەردى

يوللانغان ۋاقتى: 2018.05.22
كۆرۈلۈشى: 1294 قېتىم

000.jpg


يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە توشقان، تاشپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، دائىم كۆڭلى غەش بولۇپ، بىر ئامال قىلىپ ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىمەكچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مايمۇنچاقنى رېپېرلىققا تەكلىپ قىپتۇ، ئىككىسى تەييارلىنىپ، «پاڭ» قىلغان تاپانچا ئاۋازى بىلەن تەڭ، توشقان «پارتتىدە» يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ، تاشپاقا بولسا ئالدىرىماي ئۆملەپ مېڭىپتۇ. توشقان يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، «ئالدىنقى قېتىم مەن ئۇخلاپ قېلىپ، سەن يېڭىۋالدىڭ. بۇ نۆۋەت ئۇخلىيمايمەن، يېڭىۋالغىنىڭنى بىر كۆرەي» دەپ ئويلاپتۇ. ئاخىرىدا بۇ نۆۋەتمۇ تاشپاقا ئۇتۇۋاتپتۇ، چۈنكى توشقان بەك ئالدىراپ كېتىپ، نىشاننى پەرق ئەتمەيلا يۈگۈرگچكە، يۈگۈرگەنسىرى نىشاندىن يىراقلاپ كەتكەنىكەن.

توشقان يەنە قايىل بولماي، «بۇ ئادىل بولمىدى، قايتا مۇسابىقىلەشسەك» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. تاشپاقا ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ. رېپېرنىڭ «پاڭ» قلغان تاپانچا ئاۋازى بىلەن تەڭ، توشقان ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىنمۇ تېز يۈگۈرەپتۇ، ئاخىرقى پەللىگە كېلەي دېگەندە توشقان خۇشال ھالدا توختاپتۇ -دە، كەينىگە بۇرۇلۇپ تاشپاقىنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ، كۆڭلىدە بولسا «بۇ قېتىم نىشانىمنىمۇ بىلىمەن، ھورۇنلۇقمۇ قىلمىدىم، چوقۇم مەن ئۇتىمەن!» دەپ ئويلاپتۇ. توشقان ئۆرۈلۈپ ئالدىغا قارىسا، تاشپاقا ئاخىرقى پەللىگە كەپ بوپتۇ. توشقان بۇنى چۈشۈنەلمەي، تاشپاقىدىن يەنە سوراپتۇ. ئەسلىدە تاشپاقا توشقاننىڭ قۇيرۇقىنى چىشلىۋالغانكەن، توشقان كەينىگە ئۆرۈلۈپ تاشپاقىغا قارىغان چاغدا، تاشپاقىنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويغانكەن. تاشپاقا توشقاننىڭ كۈچىگە تايىنىپ يەنە غەلىبە قىپتۇ.

توشقان تېخىمۇ قايىل بولماي، يەنە بىر مۇسابىقىلىشىمىز دەپ تۇرۇۋاپتۇ. بۇ قېتىم توشقان قاتتىق ئېھتىيات قىپتۇ. ئۇ ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن يۈگۈرۈپتۇ، يەنە تېخى تاشپاقا قۇيرۇقۇمنى چىشلىۋالدىمىكىن دەپ، پات- پات قۇيرۇقىنى سىلاپ مېڭىپتۇ. توشقان يۈگۈرۈپ ئاخىرىقى پەللىگە كېلەي دېگەندە، ئالدى تەرەپتە تاشپاقىنى كۆرگەندەك قىپتۇ، ئاخىرىقى پەللىگە كېلىپ قارىسا راستلا تاشپاقا تۇرغۇدەك، يەنە كېلىپ ساقلىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندەك كۆرۈنۈپتۇ. بۇ قېتىم توشقان يېڭىلگىنىگە ئۈزۈل- كېسىل تەن بېرىپتۇ. توشقان تاشپاقىغا: «تاشپاقا ئاكا، مەن يېڭىلدىم، لېكىن ماڭا دەپ بەرسەڭ، سەن قانداق قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتتىڭ؟» دەپتۇ. تاشپاقا كۈلۈپ تۇرۇپ توشقانغا مۇنداق دەپتۇ: «توشقان ئۇكا، ھازىرقى دەۋر، كىم ئاخىرقى پەللىگە يۈگۈرۈپ بارىدۇ، مەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلدىم.»