ئۈندىدار نومۇرىنى تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى

ئۈندىدار نومۇرىنى تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى: 2018.05.16
كۆرۈلۈشى: 1898 قېتىم

بىر قىسىم ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر ئۈندىدار نومۇرى بىلەن تېلېفون نومۇرى ۋە ئۈندىداردىكى ئىسمىنى ئايرىيالمايدۇ. ئالداملچىلار، ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە كېرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان ياكى مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈندىداردىكى ئىسمىنى ئالماشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋللار ئۇچرايدۇ.


001.png

1. ئۈندىداردىكى ئىسمى (昵称)؛

001-3.png

ئۈندىداردىكى ئىسمى بولسا، شۇ ئۈندىدارنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈندىداردا ئىشلىتىدىغان ئىسىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسىمنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بىر ئىسىمنى نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئۈندىداردىكى ئىسىمىغا قاراپ ئايرىش پۈتۈنلەي خاتا.


2. ئۈندىدار نومۇرى (微信号)؛

001-4.png

ئۈندىدار نومۇرى بىردىن بىر بولىدۇ. بۇ نومۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بىر نومۇرنى پەقەت بىرلا ئادەم ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ نومۇر ئىنتايىن مۇھىم.

نۇرغۇن ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەردە تېلېفون نومۇرىنى ئۈندىدار نومۇرى دەپ قارايدىغان خاتا قاراش مەۋجۈت. تېلېفون نومۇرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان نەرسە ئۈندىدار نومۇرى. ئەگەر تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز ياكى باشقا ئۈندىدارغا باغلىۋالسىڭىز، ئۈندىدارىڭىزنى ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق ئوخشاشلا ئېچىپ ئىشلىتەلەسىز. ئەگەر تېلېفون نومۇرى بىلەن ئۈندىدار نومۇرىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلمىسىڭىز ئالدىنىپ قېلىش نىسبىتىڭىز ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. تېڭشۈن شىركىتىگە ئەرز قىلسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا ئۈندىداردا سودا قىلغاندا چوقۇم ئۈندىدار نومۇرىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

دېققەت قىلىشقا تېگىلىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بار. بىر قىسىم كىشىلەر ئۈندىدار نومۇرىنى بېكىتمەي، سىستېما ئۆزى چىقىرىپ بەرگەن نومۇر بىلەن ئىشلىتىدۇ. ئەمما بۇ نومۇرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇڭا سىستېما ئۆزى چىقىرىپ بەرگەن نومۇر ھەرگىزمۇ ئۈندىدار نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

002.png

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۈندىدار نومۇرى wxid_ دەپ باشلانغان بولسا، بۇ ئۈندىدارغا تېخى ئۈندىدار نومۇرى بېكىتىلمىگەن بولىدۇ. يەنى بۇ نومۇرنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم دېققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر سىزمۇ ئۈندىدار نومۇرى بېكىتمىگەن بولسىڭىز دەرھال بېكىتىۋېلىڭ.

ئۈندىدار نومۇرىنى بېكىتىش باسقۇچى: 

ئۈندىداردىن 我 نى ئاچىسىز، ئاندىن 设置 نى ئاچىسىز، بۇنىڭدىن 账号安全 نىڭ ئىچىدىن 微信号 نى چېكىپ ئۈندىدار نومۇرىنى كىرگۈزۈپ ساقلاپ چېكىنسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرىنى بېكىتكەندە ھەرپ ياكى ھەرپ بىلەن رەقەمنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەرپ بىلەن رەقەمنى ئىشلەتكەندە چوقۇم بېشى ھەرپ بىلەن باشلانغان بولۇشى كېرەك. 6 ھەرپ- بەلگىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.