ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى

ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2018.05.09
كۆرۈلۈشى: 3977 قېتىم

1EF5452F-9EDC-44BA-AD40-382D6835274B.png

شىنجاڭ ئەلچى سودا چەكلىك شىركىتى ئۇزۇن يىللىق كارخانىچى، سودىگەرلەرنى تەربىيلەش ۋە ئەمەلىي تەجىرىبىسىگە ئاساسەن، ھەم سودىگەر ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ ئەلچى سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى.


ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ شىركەت ياكى گورۇپپىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى

1. شىركەتنىڭ (گورۇپپىنىڭ)، مەھسۇلاتنىڭ قانۇنلۇق ھەم ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىستېمالچىلارغا ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈپ تۇرالايدۇ. ئۆزىنىڭ، ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەيدۇ.

2. ئىستىمالچىلارنى رازى قىلىپ، سادىق ئىستېمالچىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئىستېمالچىلار مەسىلىگە يولۇققاندا كىمنى ئىزدەشنى، قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلەيدۇ ۋە مەسىلىسىنى تېز بىر تەرەپ قىلايدۇ.

3. ساختا ئۇچۇر، ساختا مەھسۇلات، قالايمىقان باھا، ساختا ۋاكالەتچى ۋە پىتنە- ئېغىۋالاردىن ساقلىناليدۇ. بۇ ئارقىلىق شىركەت ئىناۋىتى، ماركا ئىناۋىتى، مەھسۇلات ئىناۋىتى ۋە ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

4. ھەمكارلاشقۇچى ۋە ۋاكالەتچىلىرىگە تەۋەلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ.

5. ھەمكارلاشقۇچىلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك يېتەكلىيەلەيدۇ. كەسپىي بولمىغان سۈپەتسىز مۇلازىمەت ۋە خاتا يېتەكلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالايدۇ.

6. ھەرخىل ئۇچۇر، ئۇقتۇرۇش، پائالىيەتلەرنى دەل ۋاقتىدا بارلىق ھەمكارلشقۇچى ۋە خېرىدارلارغا بىلدۈرۈپ تۇرالايدۇ.

7. ھەمكارلاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

8. ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ۋە قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ بەك يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

9. مەھسۇلاتقا ھەر بىر ھەمكارلاشقۇچىغا خاس ئۇچۇرلارنى كىرگۈزەلەيدۇ.

10. بازار ئۇچۇرىنى توغرا ئىگەللىيەلەيدۇ. توغرا ئۇسۇلدا سېتىش ئېلىپ بارالايدۇ.

11. ئىستېمالچىلارنىڭ قايتا ئىستېمال قىلىش نىسپىبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

12. تېخىمۇ يېڭىچە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق ۋە ئىزچىل بولغان تەشۋىقاتقا ئېرىشەلەيدۇ.


ئىناۋەت سىستېمىسىنىڭ ۋاكالەتچىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى:

1. ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ، شىركەت (گورۇپپا) ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

2. خېرىدارغا بىۋاسىتە ئىشەنچ بېرەلەيدۇ.

ئالدامچىلارمۇ ھەرگىز ئۆزىنى «مەن ئالدامچى» دېمەيدۇ. ئەكسىچە ئۆزىنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئىشەنچىلىكتەك كۆرسىتەلەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا تونۇش ئادەملەر بىزنىڭ قانداقلىقىمىزنى بىلسىمۇ، بىراق، ناتونۇش ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئاساسەن ئەمەس. بولۇپمۇ بىر سودىگەرگە نىسبەتەن، بىرخېرىدارغا ئىشەنچ بېرەلمىدى دېگەنلىك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن خېرىداردىن ئايرىلىپ قالغان بىلەن ئوخشاش.

بولۇپمۇ ئۈندىداردەك ھېچقانداق كاپالىتى بولمىغان سودىگەرگە نىسبەتەن خېرىدارغا ئىشەنچ بېرىش تېخىمۇ قىيىن مەسىلە. ئەمما بۇ سىستېما ئارقىلىق سىزگە ئۈچىنچى تەرەپ كاپالەت بەرسە، ئۆزىڭىز ئىشەنچىلىك دېگەنگە قارىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى ۋە تېخىمۇئاسان.

3. ۋاقىت تېجەيدۇ.

خېرىدارغا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىگە خاس بولغان ئىناۋەت نومۇرى ياكى ئىناۋەت چىپار كودىنى ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىقلا خېرىداردا بىۋاسىتە ئىشەنچ تۇرغۇزالايدۇ.

4. مەھسۇلاتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا خالىغان ۋاقتىدا ئېرىشەلەيدۇ.

مەھسۇلاتنىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلىرى، تەشۋىقات رەسىملىرى، باھا جەدۋىلى ... قاتارلىقلارغا خالىغان ۋاقىتتا ئېرىشەلەيدۇ.

5. شىركەتنىڭ ياكى گورۇپپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋالالايدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا شىركەت ياكى گورۇپپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل ئېتىبارلىق سېتىش، مۇكاپاتلىق سېتىش، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يېڭى ئوقتۇرۇش... قاتارلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ۋاكالەتچىلەر دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالمايدۇ ياكى تولۇق يەتكۈزۈلمەيدۇ. بىراق بۇ سىستېما ئارقىلىق ھەرقانداق ئۇچۇر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى دەل ۋاقتىدا ھەم تۇلۇق تاپشۇرۇۋالالايدۇ.

6. مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

خېرىدار مەسىلىگە يوققان ۋاقىتتا كىمنى قانداق ئىزدەشنى بىلمەي قىلىشنىڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھەخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى خېرىدار بىلەن كۆرۈشەلمىگەندىمۇ، ئوخشاشلا خېرىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوبرازى ۋە ئىشەنچ دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

7. ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ.

باشقىلار سىزنىڭ رەسىمىڭىز ۋە ئىسمىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئوبرازىڭىزغا ۋە ھوقۇق- مەنپەئەتىڭىزگە زىيان سېلىشىدىن ساقلايدۇ.

8. تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

سىزنى، مەھسۇلاتىڭىزنى، ئىناۋېتىڭىزنى سىستېما، سىستېما تەمىنلىگۈچى تەرەپ ۋە خېرىدار بىرلىكتە تەشۋىق قىلىپ بېرىدۇ. كونا ئۇسۇلدىكى كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان تەشۋىقاتتىن، يېڭىچە ئۇسۇلدىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان، جەلىپ قىلىدىغان تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يېتەلەيسىز.

9. سۈپەتسىز مەھسۇلات ۋە سۈپەتسىز مۇلازىمەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمايسىز.

بىر قسىم ئوخشاش تۈردىكى سۈپەتسىز مەھسۇلات ۋە شۇ مەھسۇلاتنى ساتقۇچىلارنىڭ ناچار مۇلازىمەتلىرى نۇرغۇن قانۇنلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئوبرازىغا ۋە سودىغا قىلىشىغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق بۇ سىستېما ئارقىلىق خېرىدارغا ئاسانلا ئايرىپ بېرەلەيسىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ، مەھسۇلاتنىڭىزنىڭ، مۇلازىمىتىڭىزنىڭ سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيسىز.

10. تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىلارنىڭ قايتا ئىستىمال قىلىشى ۋە يېڭى خېرىدار تونۇشتۇرۇپ بېرىشىگە ئېرىشەلەيسىز.

سىزنىڭ سۈپەتلىك مەھۇسۇلات ۋە ئىشەنچىلىك مۇلازىمىتىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ سادىق خېرىدارىڭىزغا ئايلىنىدۇ ۋە خېرىدار تونۇشتۇرۇپ بېرىدۇ.

11. شىركەت ياكى گورۇپپىنىڭ بازار ئۇچۇرىنى توغرا ئىگلىشىگە ياردەم قىلالايسىز.

شىركەت ياكى گورۇپپا بۇ سىستېما ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، مەھسۇلاتنىڭ بازارنى ئىگەللەش دەرىجىسى،خېرىدارلارنىڭ پىكىرى، ۋاكالەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە نەتىجىسى قاتارلىقلارغا نىسبتە تېخىمۇ توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ۋاكالەتچىلەرگە تېخىمۇ توغرا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ ۋە نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ.


ئىستېمالچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى

1. ساتقۇچىنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

2. ئىشەنچىلىك ساتقۇچىدىن، سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى مۇۋاپاىق باھادا سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

3. مەسىلىگە يولۇقسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرىغا تېزلا ئېرىشەلەيدۇ ۋە تېز بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

4. ساختا مەھسۇلات، ساختا ئۇچۇر ۋە ئالدامچىلارغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ.

5. سۈپەتلىك ھەم ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

6. ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ.

7. قانۇنسىز سودىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالايدۇ.