تەپسىلاتى

 ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى جىلى سودا بىناسى 202A ئىشخانا

شىركەت
مەھسۇلات
ھەمكارلاشقۇچى


ئەلچى-001.png     


شىنجاڭ ئەلچى سودا چەكلىك شىركىتى 2016- يىلى 7- ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان.


ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى: مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، مۇلازىمەت.


مەسلىھەت بېرىش: پىلان، ئىستىراتىگىيە، تاكتىكا، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، قائىدە- تۈزۈم قاتارلىقلاردا مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش.


تەربىيەلەش: رەھبەرلىك ئىقتىدارى، نۇتۇق ئىقتىدارى، باشقۇرۇغۇچىلار ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، سېتىش، بازار ئچېىش، ئۇنۋېرسال مۇۋەپپەقىيەت، سودا پىسخىكىسى قاتارلىقلاردا كوللىكتىپ ۋە يەككە تەربىيەلەش.


ئۇچۇرلاشتۇرۇش: ئىشەنچلىك سودا ۋە ئىشەنچلىك سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى خەلق ئاممىسىغا ئاشكارىلاپ، ساختا ئۇچۇر ۋە ساختا سودا پائالىيتىگە قارشى تۇرۇش. بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر سودا قىلىشىغا تۆھپە قوشۇش. ئىستېمالچىلار ۋە سودىگەرلەرگە قولاي بولغان سودا مۇھىتى ھازىرلاش.


ئىشلەپچىقىرىش: سۈپىتى يۇقىرى، باھاسى مۇۋاپىق بولۇشنى ئۆلچەم، ھەمكارلىق ۋە تەكرارلىقتىن ساقلىنىشنى ئاساس قىلىپ ئىشلەپچىقرىش.


سېتىش: شىركىتىمىزنىڭ ۋە ئەلچى ھەمكارلىقىدىكى بارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۈچ تەرەپ (شىركەت، ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئىستىمالچى) نەپكە ئېرىشىدىغان يېڭىچە ئۇسۇلدا سېتىش.


مۇلازىمەت: ھەر قانداق ئىستىمالچىنى شىركەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇلازىمىتىدىن بىۋاسىتە بەھرىمان قىلىدۇرۇش.


ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر: نەچچە ئون شىركەتلەرگە مەخسۇس يېتەكچىلك قىلدۇق ۋە مەسىلھەت بەردۇق. نەچچە مىڭلىغان ئەمەلىي دۇكان، تور سودىگىرى ۋە ئۈندىدار سودىگەرلىرىنى تەربىيەلىدۇق.


ئون نەچچە شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا مەخسۇس سېتىش خادىمى تەربىيەلەپ بەردۇق، بازىرىنى ئېچىپ بەردۇق.


نەچچە يۈزلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى، مەخۇس ئىگىلىك تىكلەش، خىزمەت ئورنىدا ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپ تاللاش، كەسىپنى قەدىرلەش... توغرىسىدا تەربىيەلىدۇق.


دۆلىتىمىزدە تېخى ئىشلەپ چىقىرىپ باقمىغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ بازارغا سالدۇق. شىنجاڭغا كىرىپ باقىمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ، بۇندىن كېيىنكى يېڭىچە سېتىش ئەندىزىمىزگە ئاساس سالدۇق.


چوڭ- كىچىك كارخانىلار، ئەمەلىي دۇكان سودىگەرلىرى، تور سودىگرلىرىنى ئەمەلىي تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش جەريانىدا، ھەمدە ئىستىمالچىلارنىڭ ئىنكاسى، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە داڭلىق ماركا يارىتىش چاقىرىقىغا ئەمەلىي ئاۋاز قوشۇپ، ئىستېمالچى ۋە سودىگەرلەرگە ئىشەنچلىك، بىخەتەر، قولاي بولغان سودا مۇھىتى ھازىلاش مەقسىتىدە، سودىگەرلەر ئىناۋەت سىستېمىسى، تور دۇكان ۋە پائالىيەت سىستېمىسىنى تەييارلىدۇق.